查看原文
其他

خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ تەرجىمھالى،ياربولالمايمەن ناملىق شېئىر

نى بېسىڭ baxkariz 2023-05-07


خەلق شائىرى روزى سايىت 


شائىر روزى سايىت 1944-يىلى 9- ئايدا خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق شەيدۇللا دېگەن يېرىدە سايىتاخۇن ئىسىملىك كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1951-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ، 1958-يىلىغىچە چايخانا(ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى) مەكتەپتە، ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇغان، شۇنىڭدىن كېيىن 10 نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان. 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرۇ يېزىلىق ئوتتۇر مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولغان. 1962-يىلى خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان، كېيىن يەنە دېھقانچىلىق قىلغان، 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1976-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەندە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1980-يىلىدىن باشلاپ يېڭى قاشتېشى ژورنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان . 2001-يىلى 9-ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن 57 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .



شائىر روزى سايىت 1973-يىلى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى> ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىر-داستانلىرى ئېلان قىلىنغان .  ئۇنىڭ يىپەك يولىدا نورۇز، يۇرۇڭقاش ۋادىسىدا شادلىق قاتارلىق تېلىۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن رەتكە ئېلىنغان . ھازىرغىچە ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا <چۈشنامە> قاتارلىق 12 پارچە داستان، باللادىسى، 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە روبائىيسى ئېلان قىلىنىپ، جامائەت ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. <قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى، بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن، مەرھابا، ئاھ، ئۇزاققا سۇزۇلغان چۈش، كۆڭۈلدىكى گەپلەر، مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار، روبائىيلار، تۇيۇقلار، خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار، دېھقان كۈلكىسى، پاھ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى> قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىندى. روزى سايىتنىڭ يەنە <«ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ، كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە، بۇ خوتەن، مەن خوتەن قىزى». . . >قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭ يېزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا.

يار بولالمايمەن ساڭا 

تېيىپجان ئېلىيوف غەزىلىگە تەخمىس

روزى سايىت


چاغلىما ئەخمەق مېنى ، دەركار بولالمايمەن ساڭا، 

نازلىنىپ كۈلمە ، پەقەت ھەمكار بولالمايمەن ساڭا، 

 ھەم پېيىمگە چۈشمىگىن ، خېرىدار بولالمايمەن ساڭا، 

يار بولالمايمەن ساڭا ، دىلدار بولالمايمەن ساڭا،

باشقا خۇشتارىڭ تۇرۇپ خۇشتار بولالمايمەن ساڭا. 


ياشلىقىم - پاششالىقىم ، گۈلدەك چېغىم ، دەپ يايرىدىڭ،

 سۆيگۈگە قويدۇڭ باھا《ئەرزانۇ قىممەت》 ئايرىدىڭ، 

ئويلىماي ئەتەڭنى كىم بىر ئېملىسا مىڭ سايرىدىڭ، 

دەم بۇ شاختا سايرىساڭ ، بىر دەم ئۇ شاخنى قايرىدىڭ، 

 بىر قارارىڭ يوق ئىكەن گۈلزار بولالمايمەن ساڭا.


 چىن ساداقەت ھەم ۋاپا -بىلسەڭ مۇھەببەتنىڭ جېنى،

ئېيتقىنا ، سەندە ئۇنىڭ بىر زەررىسى بارمۇ ، قېنى ؟

ئۇ ئەمەس مەككارغا پۇل ،رەۋەندىنىڭ بۇغداي-دېنى، 

 سەن ماڭا يالغان كۈلۈپ ،راست كۈلدۈرەلمەيسەن مېنى، 

مەنمۇ يالغان كۈلكىلىك رۇخسار بولالمايمەن ساڭا. 


ئاقمىغاي ئالدامچىلىق ، ئالدامچىنىڭ ئاققان يېشى، 

  تەگكۈسى ئالدامچىنىڭ كۆكسىگە پاك سۆيگۈ تېشى، 

 يارسىز ئۆتمەك قىيىن ، بۇ - ھەق ، تەبىئەتنىڭ ئىشى، 

بۇ « بازار » دا مىڭ كىشى ، لېكىن كۆڭۈلدە بىر كىشى، 

يار بولارمەن بىرسىگە ، زىنھار بولالمايمەن ساڭا.

 1980.7.20

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存